4 ھەر قەبىلىدىن بىر جەمەت باشلىقى سىلەرگە ياردەمدە بولسۇن.
پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى.
خەلق ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، خۇداغا ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك ۋە پارا ئالمايدىغان كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن.
ئۇ پۈتۈن ئىسرائىللار ئىچىدىن قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىدى.
بۇلار جامائەت ئارىسىدىن تاللانغانلار بولۇپ، قەبىلە باشلىقلىرى ھەم ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ئىدى.
يۇقىرىقىلار مۇسا، ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز قەبىلىلىرى بويىچە رويخەتكە ئالغان ئادەملەرنىڭ سانىدۇر.
لاۋىيلارنىڭ تايىقىغا ھارۇننىڭ ئىسمى يېزىلسۇن. ھەربىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ بىردىن تايىقى بولسۇن.
مىديان ئايال بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ شىمون قەبىلىسىدە بىر جەمەتنىڭ باشلىقى ئىدى.
مۇساغا: _ ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرىنى تۇتۇپ، كۆز ئالدىمدا ئوچۇق-ئاشكارا ئۆلتۈرۈپ، مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى باسقىن، _ دېدى.
مۇسا ئىسرائىل قەبىلە باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئەمرلىرىدۇر:
مۇسا، ھارۇن ۋە جامائەت ئاقساقاللىرى قوھات جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ،
شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى، يەنى رويخەتكە ئېلىشقا مەسئۇل بولغان ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشتى.
شۇڭا مەن ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەقىللىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى تاللاپ، خەلققە مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى، ئونبېشىلارنى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلىدىم.
يەنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆز جەمەتلىرىدىن بىردىن ئاقساقالنى تاللاپ، جەمئىي ئون ئادەمنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋەتتى.