Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2-3 _ ھارۇن ئىككىڭلار پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ سانىنى ئېلىپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئېلىڭلار ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى تەۋە بولغان قوشۇنلىرى بويىچە رويخەتكە پۈتۈڭلار.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 1:2
16 Iomraidhean Croise  

ئىسرائىللار رەمسېس شەھىرىدىن سۇككوت شەھىرىگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ۋاقتىدا، ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەقەت ئەرلەرلا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى.


_ سەن ئىسرائىللارنىڭ نوپۇسىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىڭدا، رويخەتكە ئېلىنغان ھەربىر ئەر ھاياتى ئۈچۈن ماڭا بەدەل پۇلى تۆلىسۇن. شۇندىلا مەن ئۇلارغا بالا-قازا كەلتۈرمەيمەن.


نوپۇس تىزىملىكىدىكى كىشىلەر ھەدىيە قىلغان كۈمۈش مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 3440 كىلو ئىدى.


نوپۇس تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەر جەمئىي 603,550 نەپەر بولۇپ، مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا ھەربىر كىشى تاپشۇرغان كۈمۈش بەش يېرىم گىرامغا توغرا كېلەتتى.


شۇ كۈنى پۈتۈن جامائەتنى بىر يەرگە يىغدى ۋە پۈتكۈل خەلقنى ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە رويخەتكە ئالدۇردى. يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنى بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئالدۇردى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، مۇسا سىناي چۆلىدە خەلقنى رويخەتكە ئالدى.


شىمون قەبىلىسىدىن 59,300 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan