Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 1:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدا مۇساغا مۇنداق دېدى:

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 1:1
15 Iomraidhean Croise  

سۇلايمان ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمران بولغان 4-يىلى 2-ئايدا، يەنى زىۋ ئېيىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى مىسىردىن چىققىنىغا 480 يىل بولغانىدى.


ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ دەل ئىككى ئاي بولغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ،


سىناي تېغى باغرىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى. ئۇلار رىفىدىمدىن يولغا چىقىپ، بۇ يەرگە كەلگەنىدى.


مەن ئۇ يەردە، يەنى قاپقاقنىڭ ئۈستىدە، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، سەن بىلەن ئۇچرىشىمەن ۋە ئىسرائىللارغا چۈشۈرىدىغان ئەمرلىرىمنى ساڭا يەتكۈزىمەن.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىردىن چىقىپ ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى تىكتى.


_ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنى تىكىپ،


پەرۋەردىگار ئۇچرىشىش چېدىرىدىن مۇسانى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:


مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سىناي تېغىدا مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىدۇر.


شۇ كۈنى پۈتۈن جامائەتنى بىر يەرگە يىغدى ۋە پۈتكۈل خەلقنى ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە رويخەتكە ئالدۇردى. يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنى بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئالدۇردى.


بىردىنلا پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەمگە: _ ئۈچۈڭلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كېلىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچىلىسى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كېلىشتى.


ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى، 1-ئايدا پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا:


ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 40-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن بارلىق ئەمرلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.


بىز كادېش-بارنېيادىن يولغا چىقىپ، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتكۈچە 38 يىل كەتتى. پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ ئېيتقىنىدەك، بۇ جەرياندا بىر ئەۋلاد جەڭچىلەر ئۆلۈپ تۈگىدى.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەمىشە ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. سىلەر بىپايان چۆللۈكتىن ئۆتكىنىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدى، 40 يىلدىن بېرى سىلەر بىلەن بىرگە بولدى، ھېچنېمەڭلارنى كەم قىلمىدى›».


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan