Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




مىكاھ 2:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرگە شۇنداق بىر بالا ھازىرلاۋاتىمەنكى، سىلەر بۇ بالادىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. بېشىڭلارغا شۇنداق ئېغىر بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن كەلگەندە، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيسىلەر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




مىكاھ 2:3
29 Iomraidhean Croise  

زالىملار يوقىلىدۇ، مازاق قىلغۇچىلار ۋەيران بولىدۇ. يامانلىققا ھېرىسمەنلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىشىدۇ.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سىئون ئاياللىرى تەكەببۇرلىشىپ كەتتى. ئۇلار غادىيىپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ئۇششاق قەدەم تاشلاپ، پۇتلىرىدىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى شاراقشىتىپ مېڭىشىدۇ.


ئۇلار خۇدانى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى تېز بولسۇن، ئۇ قىلىدىغىنىنى تېز قىلسۇن، بىز كۆرەيلى! ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنچۇ، بىز بىلەيلى!» دەيدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي يەرەمىيا، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشكە تەييارلىنىپ، جازالاش پىلانىنى تۈزىۋاتىمەن! شۇڭا، ھەربىرىڭلار رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ، توغرا يولدا مېڭىشقا نىيەت قىلىڭلار!›


ئاندىن مەنكى يەرەمىيا ئوخشاش بىر ۋەھىينى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا تەكرارلاپ، مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر سىلەر ياشاشنى خالىساڭلار، بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە خىزمەت قىلىڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن! مەن سىلەرنى ئۇرۇش، كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن.


يىھۇدى يازمىنىڭ بىرنەچچە قۇرىنى ئوقۇشى بىلەنلا، پادىشاھ ئوقۇلغان قۇرلارنى پىچاق بىلەن كېسىۋېلىپ، ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىۋەتتى. ئۇ پۈتۈن يازمىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ تۈگەتكۈچە، شۇنداق قىلدى.


ھوشايانىڭ ئوغلى ئازاريا، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە باشقا تەكەببۇر ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ يالغان سۆزلەۋاتىسەن! پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سېنى بىزگە «مىسىرغا بارماڭلار!» دەپ ئېيتىشقا ئەۋەتمىدى.


بۇ رەزىل خەلقنىڭ ھايات قالغانلىرى سۈرگۈن قىلغان يەرلەردە ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


بويۇنتۇرۇققا ئايلاندى گۇناھلىرىم، ئۇنى ئۆزى ياسىدى پەرۋەردىگارىم. بوينۇمغا ئېسىپ بويۇنتۇرۇقنى، قويمىدى مېنىڭ ھالىمنى. ئىگىمىز تاپشۇردى مېنى دۈشمەن قولىغا، مەن تاقابىل تۇرالمايمەن ئۇلارغا.


پەرۋەردىگار ئورۇندىدى پىلانىنى، ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بۇرۇن قىلغان سۆزىنى، ئۇ رەھىم قىلماي يوقاتتى سېنى، مەغلۇبىيىتىڭدىن شادلاندۇرۇپ دۈشمىنىڭنى، تېخىمۇ كۈچلەندۈردى رەقىبىڭنى.


دۈشمەن قوغلاپ، قويمىدى ھالىمىزنى، چارچىدۇق، يوقاتتۇق خاتىرجەملىكىمىزنى.


ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ، يەنى خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ۋە ئادالەتلىكتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر.


يەل تاپانلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ھەتتا كۈچلۈكلەرنىڭمۇ قارشى تۇرۇشقا ماغدۇرى يەتمەيدۇ. باتۇر لەشكەرلەرمۇ ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.


ئەي مىسىردىن ئېلىپ چىقىلغان پۈتكۈل ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قارشى ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار:


«يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدىن يالغۇز سىلەرنىلا تاللىدىم. لېكىن سىلەر گۇناھ قىلدىڭلار، شۇڭا مەن سىلەرنى جازالايمەن.»


شۇڭا مۇشۇنداق رەزىل زامانلاردا، ئەقىللىق ئادەملەر سۈكۈتتە تۇرىدۇ.


تۆشىكىدە يېتىۋېلىپ، باشقىلارغا يامانلىق ۋە رەزىللىك قىلىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئويلىغان رەزىل ئىشلىرىنى قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.


ئۇلار مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىمىدى. يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەھۇدىي بولمىغان ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر.


خەيرلىك ئىشلارنى قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭلار. چۈنكى، ياشاۋاتقان بۇ دەۋرىمىز رەزىل دەۋردۇر.


شۇ سەۋەبتىن سىلەر بارلىق نەرسەڭلاردىن ئايرىلىپ، ئاچ، يالىڭاچ ۋە چاڭقىغان ھالدا پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن دۈشمىنىڭلارنىڭ قۇلى بولىسىلەر. سىلەر تاكى ھالاك بولغۇچە، دۈشمەن تۆمۈر بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭلارغا سالىدۇ.


چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan