مىكاھ 1:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ نەدە ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سامارىيەدە ئەمەسمۇ؟! يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ قەيەردە بۇتپەرەسلىك قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ يېرۇسالېمدا ئەمەسمۇ؟! Faic an caibideil |
مەن يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار زىناخورلۇق قىلدى ۋە يالغان ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار رەزىل كىشىلەرنى كۈشكۈرتتى. نەتىجىدە خەلق ئۆزىنىڭ قىلغان رەزىللىكىدىن ۋاز كەچمىدى. مەن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى سودوم خەلقىدەك رەزىل، يېرۇسالېم پۇقرالىرىنى گومورا خەلقىدەك گۇناھكار دەپ قارايمەن.