3 قاراڭلار، پەرۋەردىگار ماكانىدىن ئايرىلىپ، تاغ چوققىلىرىنى دەسسەپ كېلىۋاتىدۇ.
ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ كەمتەر قىلغىن. رەزىللەرنى ئۆز يېرىدە دەسسەپ چەيلىگىن.
بىزنىڭ خۇدايىمىز ئەرشئەلادا تۇرار، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇ ئىشنى قىلار.
سىئون تېغى پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا بولىدۇ، ئۇ، موئابلارنى قىغ ئازگىلىدىكى ساماننى دەسسىگەندەك دەسسەيدۇ.
قاراڭلار، يەر يۈزىدىكى گۇناھكار كىشىلەرنى جازالاش ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۆز ماكانىدىن چىقتى. زېمىنغا تۆكۈلگەن قانلارنى زېمىن ئاشكارىلايدۇ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى زېمىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.
شۇ چاغدا روھ مېنى ئېگىز كۆتۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئورنىدىن كۆتۈرۈلگەن دەل شۇ پەيتتە، كەينىمدىن گۈلدۈرمامىدەك ھەيۋەتلىك بىر سادانىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.
تاغ ۋە شامالنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار خۇدادۇر، ئۇ ئوي-خىياللىرىنى ئىنسانلارغا ئايان قىلغاندۇر. ئۇ قاراڭغۇلۇقنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرار، ھەتتا ئۇ زېمىننىڭ يۈكسەكلىكلىرىدە ماڭار. ئۇنىڭ ئىسمى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدادۇر.
ئىگىمىز قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار زېمىنغا تېگىپ كەتسە، زېمىننى ئېرىتىپ، زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى قايغۇغا سالىدۇ. پۈتۈن زېمىن مىسىردىكى نىل دەرياسىدەك بىر ئۆرلەپ، بىر پەسلەيدۇ.
كۈچ-قۇۋۋىتىمدۇر ئىگەم پەرۋەردىگار. پۇتلىرىمنى قىلار ئۇ كېيىكنىڭكىدەك، ماڭارمەن شۇندا مەن ئېگىز تاغلاردا. (تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.)
شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىكى زەيتۇن تېغىغا قەدەم باسىدۇ. زەيتۇن تېغى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يېرىمى شىمالغا، يېرىمى جەنۇبقا يۆتكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كەڭ بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ.
ئۇلارنى ئېگىزلىكتىكى يۇرتقا ھاكىم قىلدى، ئېتىزلىرىنىڭ ھوسۇلىنى يېگۈزدى. تېتىتتى قىيا تاشتىن بالنىڭ تەمىنى، تاشلىق يەردىن زەيتۇن يېغىنى.
ئەي ئىسرائىللار، سىلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! قايسى خەلق سىلەرگە ئوخشايدۇ؟ سىلەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدۇڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ قالقىنىڭلار ۋە ياردەمچىڭلاردۇر، سىلەرنىڭ شان-شەرەپلىك قىلىچىڭلاردۇر، دۈشمىنىڭلار قورقۇپ، سىلەرگە تىز پۈكىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرىنى دەسسەيسىلەر.»