لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 بىر كۈنى، زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ قىسمىدىكى روھانىيلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدا نۆۋىتى بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتاتتى. Faic an caibideil |
سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇيرۇغىنى بويىچە روھانىيلارغا خىزمەت تەقسىملىدى ۋە لاۋىيلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە روھانىيلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بولدى. دەرۋازىۋەنلەرنى ۋەزىپىلىرى بويىچە ھەرقايسى دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت بەلگىلىگەنىدى.
ھىرود پادىشاھ يەھۇدىيلار رايونلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغلاردا، زەكەرىيا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرىكى روھانىي ئابىيا توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېتمۇ تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.