2 ئۇ ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلگىن.
_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەندە، تۆۋەندىكى قائىدە-يوسۇن بويىچە ئىش كۆرگىن: بۇقىدىن بىرنى ۋە بېجىرىم قوچقاردىن ئىككىنى تاللىغىن.
سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 10-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
ئەگەر قوي ياكى ئۆچكىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چوقۇم بېجىرىم قوچقار ياكى تېكىنى ئېلىپ كەلسۇن.
ئەگەر كالىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، مېنىڭ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىشىم ئۈچۈن ھەممە ئەزايى بېجىرىم بولغان بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن.
ھارۇن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ۋاقتىدا، مۇنداق قىلسۇن: گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تۇياق بۇقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار تەييار قىلسۇن.
ئۇ ئىسرائىل جامائىتىدىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تۇياق تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار ئالسۇن.
ئەگەر باش روھانىي گۇناھ سادىر قىلىپ، پۈتۈن جامائەتنى ئەيىبدار قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ چوقۇم قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بېجىرىم بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن.
ئاندىن مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئاتالغان بۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويدى.
ئاندىن مۇسا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن قوچقارنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى.
ئاندىن ئىسرائىللارغا: «سىلەر گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بولغان بىر ياشلىق تورپاق ۋە بىر ياشلىق قوي،
خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ خەلقىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق سۇنۇشى كېرەك.
ئۇ ئىلگىرىكى باش روھانىيلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، كېيىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى بىر يولىلا ئادا قىلدى.