Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




لاۋىيلار 7:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 _ مەن پەرۋەردىگارغا ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر:

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




لاۋىيلار 7:11
12 Iomraidhean Croise  

پادىشاھ خىزكىيا جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ھازىر سىلەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەكېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن جامائەت مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلىرىنى ئەكېلىشكە باشلىدى. بەزىلىرى ئۆز رازىلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىمۇ ھەدىيە قىلىشتى.


ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى قايتا ياسىتىپ، ئامانلىق ۋە مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى ھەم يەھۇدىيە خەلقىنى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بۇيرۇدى.


_ ئۆيۈمدە بار «ئامانلىق قۇربانلىقى»نىڭ گۆشى، بۈگۈن قىلدىم خۇداغا ۋەدە قىلغان بۇ قۇربانلىقنى.


ئىسرائىللارنىڭ سۇلىرى ئەلۋەك يايلاقلىرىدىكى قويلارنىڭ ئىككى يۈزدىن بىرى بېرىلسۇن. يۇقىرىقىلار ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇلىدۇ. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


سۇنۇلغان قۇربانلىقلار شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى يەپ تۈگىتىلسۇن. ئەگەر ئۈچىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، ھەممىسى كۆيدۈرۈلسۇن،


ماڭا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىڭلارنى سۇنغىنىڭلاردا قۇربانلىقىڭلارنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، مەن سىلەرگە جاكارلىغان بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىڭلار.


لېكىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغىنى ئۇن بولسا، ئۇنىڭغا مەيلى زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلسۇن ياكى ئارىلاشتۇرۇلمىسۇن، ھەممىسى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا تەڭ تەۋە بولىدۇ.


_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، كىمكى ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنىڭ بىر قىسىم گۆشىنى ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن.


گەرچە سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلساڭلارمۇ، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن. سىلەرنىڭ بوردالغان سېمىز موزىيىڭلاردىن سۇنىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقىڭلارغا پەرۋايىم پەلەك.


ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan