Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




لاۋىيلار 7:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 _ ئەيىب قۇربانلىقى ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى تۆۋەندىكىدەكتۇر:

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




لاۋىيلار 7:1
17 Iomraidhean Croise  

لاۋىيلاردىن بولغان يىمناھنىڭ ئوغلى كورې ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ دەرۋازىۋىنى ئىدى. ئۇ خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيەلەرنى، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ئىئانىلەرنى ۋە ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى باشقۇرۇشقا ۋە تەقسىملەشكە مەسئۇل ئىدى.


ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى خانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككىدىن تۆت ئۈستەل بار ئىدى. بۇ ئۈستەللەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئەيىب قۇربانلىقلىرى بوغۇزلىناتتى.


ئىسرائىللار سۇنغان ئاشلىق ھەدىيەسى، پاكلىنىش ۋە ئەيىب قۇربانلىقلىرى ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدۇر. ئىسرائىل خەلقىنىڭ ماڭا ئاتىغانلىرى ئۇلارغا تەۋەدۇر.


ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ يەردە روھانىيلار ئەيىب قۇربانلىقلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى پىشۇرىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىلماسلىقى ۋە خەلقنىڭ بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەر مۇقەددەستۇر.


لېكىن ئۇ مەن خۇداغا سۇنۇلغان يېمەكلىكلەردىن، مەيلى مۇقەددەس بولسۇن ياكى ئەڭ مۇقەددەس بولسۇن، ھەممىسىدىن يېسە بولىدۇ.


ئەگەر ئۇ قۇربانلىق قىلىشقا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تاپالمىسا، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇننى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ياكى مەستىكى رۇمى قوشۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدۇر.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


_ ئەگەر بىر كىشى بىخەستەلىكتىن ماڭا ئاتىلىدىغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە ئائىت قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىلىرىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ماڭا ئاتىسۇن. قوچقارنىڭ باھاسى مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلسۇن.


ئەگەر ئۇنىڭ قوي ياكى ئۆچكىنى قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. بىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن.


قۇربانلىق سۇنغۇچى ئۇلارنى روھانىينىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي ئالدى بىلەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر پاختەكنىڭ بوينىنى تولغاپ سۇندۇرسۇن، لېكىن بېشىنى بىراقلا ئۈزۈۋەتمىسۇن.


نانغا خېمىرتۇرۇچ قوشمىسۇن. ماڭا ئاتاپ تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنغان بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمى روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر. بۇ خۇددى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە ئەيىب قۇربانلىقىغا ئوخشاش ئەڭ مۇقەددەستۇر.


_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان يەردە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسۇن، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر.


ھەمدە مەن پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىشىنى قايتىدىن باشلىسۇن. بۇ ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان كۈنلىرى بۇلغانغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى كۈنلىرى ئىناۋەتسىز بولسۇن. ئۇ بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاننى ئەيىب قۇربانلىقىغا ئېلىپ كەلسۇن.»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan