Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




لاۋىيلار 4:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرغان پەردە تەرەپكە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




لاۋىيلار 4:6
22 Iomraidhean Croise  

ئەھدە ساندۇقىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويدى. ئۇنى توسۇپ قويۇش ئۈچۈن پەردىنى ئاستى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.


ئۇ ئالتۇن ئىسرىقداننى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنىڭ ئالدىغا قويدى.


ئوڭ قولىنىڭ بارمىقىنى زەيتۇن يېغىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن.


روھانىي ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى يەنە پاكلانغۇچىنىڭ بېشىغا سۈرتسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.


ئوڭ قولىنىڭ بارمىقىنى زەيتۇن يېغىغا تەگكۈزۈپ، ھۇزۇرۇمدا يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن.


ئاندىن قاننى پاكلىنىدىغان كىشىنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم چېچىپ، ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇشنى دالاغا قويۇۋەتسۇن.


ئۇ بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقى بىلەن قاپقاققا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ شەرقىي يان تەرىپىگە بىر قېتىم ۋە ساندۇقنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن.


ئۇ يەنە بۇقا ۋە تېكىنىڭ قېنىغا بارمىقىنى تەگكۈزۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا يەتتە قېتىم چاچسۇن، شۇ ئارقىلىق قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ، مۇقەددەس قىلسۇن.


«سىلەر يەتتە قېتىملىق دەم ئالدۇرۇش يىلىنى ھېسابلاڭلار، بۇ 49 يىل بولىدۇ.


ئەگەر سىلەر مۇشۇنداق جازالارغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنى ھەسسىلەپ قاتتىق جازالايمەن.


مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرىمەن، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.


مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرۇپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ جازالايمەن.


بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەردە تەرەپكە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن.


روھانىي بارمىقىنى تېكىنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.


روھانىي بارمىقىنى قۇربانلىقنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.


روھانىي بارمىقىنى قۇربانلىقنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.


ئۇ يەنە قۇربانلىق سۇپىسىغا يەتتە قېتىم مۇقەددەس ياغ سېپىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچقا ياغ سۈركەپ، ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى.


مۇسا بۇقىنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىدى. قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئورنى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.


ئوغۇللىرى تورپاقنىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بەردى، ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويدى. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكتى.


روھانىي ئەلئازار بارمىقىنى ئۇنىڭ قېنىغا چىلاپ، قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن.


يەتتە روھانىي قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىلارنى ئېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىيلار بۇرغىلارنى چالغان ھالدا شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلانسۇن.


يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭىدىغان يەتتە روھانىي ئالغا قاراپ ماڭدى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلار ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan