5 باش روھانىي ئۇچرىشىش چېدىرىغا بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ كىرىپ،
ئۇ بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقى بىلەن قاپقاققا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ شەرقىي يان تەرىپىگە بىر قېتىم ۋە ساندۇقنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن.
ئاندىن ھارۇن خەلقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا ئاتىغان تېكىسىنى بوغۇزلاپ، قېنىنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، خۇددى بۇقىنىڭ قېنىنى چاچقانغا ئوخشاش «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا چاچسۇن.
ئۇ يەنە بۇقا ۋە تېكىنىڭ قېنىغا بارمىقىنى تەگكۈزۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا يەتتە قېتىم چاچسۇن، شۇ ئارقىلىق قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ، مۇقەددەس قىلسۇن.
ئەگەر باش روھانىي گۇناھ سادىر قىلىپ، پۈتۈن جامائەتنى ئەيىبدار قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ چوقۇم قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بېجىرىم بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن.
روھانىيلار سۇنغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ.
روھانىي ئەلئازار بارمىقىنى ئۇنىڭ قېنىغا چىلاپ، قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن.
شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.