1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
ھارۇن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ۋاقتىدا، مۇنداق قىلسۇن: گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تۇياق بۇقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار تەييار قىلسۇن.
ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن.
پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرۈلسۇن:
لېكىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنى كىشىلەرنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىگە، يەنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلسە، بۇنداق قۇربانلىقنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن، بەلكى كۆيدۈرۈلسۇن.
شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تورپاقنى ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىدى.