7 ئەگەر سۇنماقچى بولغىنى قوي بولسا، قۇربانلىق سۇنغۇچى قوينى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ،
ئاندىن كېيىن پادىشاھ ۋە بارلىق ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشتى.
_ ئەگەر بىرسى كالىنى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، بېجىرىم بۇقا ياكى سىيىرنى قۇربانلىق قىلسۇن.
قوي قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا قوشۇپ، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر لىتىر زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن
ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن بىر لىتىر شاراب سۇنسۇن.
بىرى ئەتىگەندە، بىرى گۇگۇم چۈشكەندە قىلىنسۇن.
ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن قىلغان شۇملۇقلىرىنى تىلغا ئېلىشمۇ نومۇستۇر.
ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.
ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!