1 «ئۆزۈڭلارغا مەبۇد، بۇت ياكى بۇتسىمان تاش تۈۋرۈك تىكلىمەڭلار. زېمىنىڭلاردا تاشقا شەكىل ئويۇپ، ئۇنىڭغا چوقۇنماڭلار. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
شۇنداقلا ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى تىكلەشكەنىدى.
ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىككى دانە موزاينىڭ بۇتىنى ھەم ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياسىدى، شۇنداقلا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە بائالغا چوقۇندى.
ئۇلار ئىزچىل تۈردە پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن قوغلاپ چىقارغان يات ئەللەرنىڭ ئادەتلىرى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاپ كەلگەنىدى.
ئېگىزلىكتە قۇرۇپ ئىبادەتگاھلار، ياساپ ئۇنىڭغا ھەرخىل بۇتلار، كەلتۈردى ئۇلار خۇدانىڭ ئاچچىقىنى، ئۆرتىدى خۇدانىڭ يۈرىكىنى.
شەرمەندىلىكتە قالار ئاخىر بۇتپەرەسلەر، ئەرزىمەس بۇتلىرىنى ماختىغانلار. پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلار بارلىق «ئىلاھلار».
_ مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.
سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ھەرقانداق شەكىلدە بۇت ياساپ، ئۇلارغا سەجدە قىلماڭلار. ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار.
ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار، چوقۇنماڭلار، قىلىقلىرىنى دورىماڭلار. ئۇلارنىڭ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتىۋېتىڭلار.
چوقۇنۇش ئۈچۈن بۇت ياسىماڭلار.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىۋالغان بۇتلارنى، غارلاردىكى چاشقان ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ.
بۇتلارغا سەجدە قىلماڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئاتاپ قۇيما بۇت ياسىماڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
چۈنكى ئىسرائىللار مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدۇر، مېنىڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خىزمەتكارلىرىمدۇر. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»
ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ ئويما ۋە قۇيما بۇتلىرىنى ۋە چوقۇنىدىغان سەجدىگاھلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلار.
بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، ئۇنى ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى بىلەن ئويۇپ ياسالغان ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاش بۇتلارغا ئوخشاتماسلىقىمىز كېرەك!
«ئويما ۋە قۇيما بۇت ياساپ، مەخپىي جايغا تىكلىگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ! بۇتلارنى ھۈنەرۋەنلەر ياسايدۇ، بۇلاردىن پەرۋەردىگار يىرگىنىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
«مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.
پەسكەشلەر، سېھىرگەرلەر، زىناخورلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلار ۋە يالغانچىلىق قىلىشقا خۇشتارلارنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.
دان قەبىلىسىدىكىلەر ھېلىقى ئويما بۇتنى تىكلىدى. ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغۇچە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى دان قەبىلىسىگە روھانىي بولۇپ كەلدى.