Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




لاۋىيلار 23:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئالتە كۈن ئىش كۈنى، يەتتىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىش كۈنىدۇر. دەم ئېلىش كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەيلى سىلەر قەيەردە ياشىماڭلار، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ دەم ئېلىش كۈنىدە تولۇق دەم ئېلىڭلار.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




لاۋىيلار 23:3
17 Iomraidhean Croise  

مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار: «ئەتە تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۈندۇر. بۈگۈن يېمەكلىكىڭلارنى ئوتقا قاقلاپ، سۇدا قاينىتىپ، خالىغىنىڭلارچە پىشۇرۇڭلار، ئېشىپ قالغىن ىنى ئەتىگە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.


ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەن سىلەرگە دەم ئېلىش كۈنىنى ئاتا قىلدىم. شۇڭا سىلەرگە ئالتىنچى كۈنى ئىككى كۈنلۈك يېمەكلىك بەردىم. يەتتىنچى كۈنى ھەممە ئادەم ئۆيىدە ئولتۇرسۇن، سىرتقا چىقمىسۇن، _ دېدى.


شۇڭا ئىسرائىللار يەتتىنچى كۈنى ئىش قىلماي دەم ئېلىشتى.


ئالتە كۈن ئىشلەپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىڭلار. ئۆكۈز، ئېشەك، قۇل ۋە يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارمۇ ئارام ئالسۇن.


ئىش قىلىشىڭلارغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈنى مەيلى تېرىقچىلىق ياكى ئورما ئۇرۇش ۋاقتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئارام ئېلىڭلار.


بۇ بۇيرۇقلىرىمنى ئادا قىلىپ، ماڭا بويسۇنىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە، دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغىماي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، رەزىل ئىشلاردىن قولىنى تارتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!


يات خەلقلەردىن بولسىمۇ، ئۆزىنى ماڭا بېغىشلىغان، ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ۋە مېنى سۆيىدىغانلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولىدۇ. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىسا، ئەھدەمگە ئەمەل قىلسا،


سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى ئاياغ ئاستى قىلماڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار. دەم ئېلىش كۈنىنى، ‹بىر خۇشاللىق كۈن› دەپ بىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلار خالىغانچە ئىش قىلماڭلار، ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار قۇرۇق پاراڭ سالماڭلار، بۇ كۈننى ھۆرمەتلىشىڭلار كېرەك.


ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. مېنىڭ دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتقانلىقىنى كۆرگەن ئىبادەتخانا مەسئۇلى غەزەپ بىلەن كۆپچىلىككە: - ئىش ۋاقتىمىز ئالتە كۈن. شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا شۇ ئالتە كۈن ئىچىدە كېلىشى كېرەك، - دېدى.


ئاندىن، ئۆيلىرىگە قايتىپ بېرىپ، جەسەتكە چاچىدىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار بىلەن ئەتىرلەرنى تەييارلىدى. دەم ئېلىش كۈنى، خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار دەم ئېلىشتى.


چۈنكى، يەھۇدىيلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بۇ تەلىملەرنى ئۇزۇندىن بېرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ھەرقايسى شەھەردىكى ئىبادەتخانىلاردا يىغىلىپ، ئۆگىنىپ كەلگەن.


رەببىمىزنىڭ كۈنىدە مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، كەينىمدىن كەلگەن كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan