لاۋىيلار 2:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 ئۇننى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئاپارسۇن. روھانىي زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان ئۇندىن بىر چاڭگال ۋە قويۇلغان مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. Faic an caibideil |
لېكىن بەزىلەر مەن ئۈچۈن كالا بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئاتاپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدۇ، ماڭا قوي قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئىتنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ سۇنىدۇ، ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇپ، يەنە ھەم بۇتلارغا چوشقا قېنىنى سۇنىدۇ، ماڭا ئىسرىق سېلىپ، يەنە ھەم ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى مەدھىيەلەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ، قەلبىدىكى يىرگىنىشلىك ئىشلىرىدىنمۇ خۇرسەن بولىدۇ.