Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




لاۋىيلار 2:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلىرىگە تۇز سېلىنسۇن. تۇز مەن خۇدانىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر، تۇز سېلىنمىغان بىرەر ھەدىيە بولمىسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




لاۋىيلار 2:13
8 Iomraidhean Croise  

ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن بىكار قىلىشقا بولمايدىغان ئەھدە تۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك بەرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟


سىلەر كۈمۈشنى 3400 كىلوغىچە، بۇغداينى 10 توننىغىچە، شارابنى 2200 لىتىرگىچە، زەيتۇن يېغىنىمۇ 2200 لىتىرگىچە تەمىنلىسەڭلار بولىدۇ. تۇز چەكسىز تەمىنلەنسۇن.


ئۇلار ئادەتتىكى خۇشبۇي بۇيۇم ياساش ئۇسۇلى بويىچە تەڭشىلىپ، ئاندىن ئۇلارغا ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ساپ ۋە مۇقەددەس ئىسرىق ياسالسۇن.


ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرگىن. روھانىي سويۇلغان قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىپ، ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرسۇن.


ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەنسۇپ قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. بۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ۋە بىكار قىلىشقا بولمايدىغان مەڭگۈلۈك ئەھدەمدۇر.


- سىلەر يەر-يۈزىنىڭ تۇزىدۇرسىلەر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇ ھېچنېمىگە يارىماس تاشلاندۇق نەرسىگە ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا قېلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ.


ئۇلارغا قىلغان گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەمىشە يېقىملىق، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر ئادەمگە قانداق يول بىلەن جاۋاب بېرىشنى بىلىۋالالايسىلەر.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan