لاۋىيلار 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 _ ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنى سۇنسۇن. ئۇنغا زەيتۇن يېغى قۇيسۇن ۋە مەستىكى رۇمى قويسۇن. Faic an caibideil |
ئۇلار قېرىندىشىڭلارنى ماڭا ھەدىيە سۈپىتىدە ئۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خۇددى ئىسرائىلىيەلىكلەر پاكىز قاچىلاردا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەسى ئېلىپ كەلگەندەك، ئۇلار ئات مىنىپ، بەزىلىرى ھارۋىغا ئولتۇرۇپ، بەزىلىرى لەمپىلىك ھارۋىلارغا چىقىپ، بەزىلىرى قېچىرغا مىنىپ، بەزىلىرى تۆگىگە مىنىپ مېنىڭ مۇقەددەس تېغىم يېرۇسالېمغا ماڭا ھەدىيە بولۇپ كېلىدۇ.
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ يەردە روھانىيلار ئەيىب قۇربانلىقلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى پىشۇرىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىلماسلىقى ۋە خەلقنىڭ بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەر مۇقەددەستۇر.