Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




لاۋىيلار 12:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئوغۇل بوۋاق سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




لاۋىيلار 12:3
15 Iomraidhean Croise  

كالا، قويلىرىڭلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك بالىلىرىنىمۇ ماڭا ئاتاڭلار. ھايۋانلار تۇغۇلۇپ يەتتە كۈن ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرسۇن، سەككىزىنچى كۈنى ماڭا ئاتاڭلار.


تۇغۇتلۇق ئايال يەنە ئوتتۇز ئۈچ كۈندىن كېيىن قاندىن پاكلىنىدۇ. قىرىقى توشمىغۇچە ئۇ ئايال ھەرقانداق مۇقەددەس نەرسىگە يېقىن كەلمىسۇن، ئىبادەت جايغىمۇ كىرمىسۇن.


مەيلى ئۇنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالمىلار ئاققان بولسۇن، ياكى جىنسىي يولى توسۇلۇپ قالغان بولسۇن، بۇ خىل كېسەللىك بەرىبىر ئۇنى ناپاك قىلىدۇ.


بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلار كېلىپ، بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى.


بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، ئۇنىڭ خەتنىسى قىلىندى ۋە ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. بۇ، پەرىشتە ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولمىغان ۋاقىتتىلا قويغان ئىسىم ئىدى.


ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزى يەھۇدىيلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، ئانتاكيادىكى يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا: - سىلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى خەتنە قىلىنىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! - دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.


شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇدانىڭ ئىبراھىم بىلەن ئالدىن تۈزگەن بۇ ئەھدىسىنى تۆت يۈز ئوتتۇز يىلدىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ. دېمەك، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ بۇ ۋەدىسىنى بىكار قىلالمايدۇ.


مەن خەتنىگە تايانماقچى بولغانلارنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئەگەر سىلەر خەتنىنى قوبۇل قىلساڭلار، تەۋراتتىكى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلارغا تولۇق بويسۇنۇشۇڭلار كېرەك.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ قەلبلىرىنى پاكلايدۇ. شۇندىلا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىسىلەر ۋە ھايات قالىسىلەر.


چۈنكى، مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنغان ئىسرائىل ئەۋلادىمەن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان قېنى ساپ يەھۇدىيمەن. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆلچەم قىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، مەن قىل سىغمايدىغان پەرىسىي ئېقىمىدىنمەن.


سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، جىسمانىي جەھەتتىكى خەتنىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاتا قىلغان روھىي جەھەتتىكى خەتنىنى قوبۇل قىلدىڭلار. بۇ، سىلەرنى گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان خەتنىدۇر.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan