Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




لاۋىيلار 12:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر ئايال ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى يەتتە كۈن ھەيز مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ناپاك ھېسابلىنىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




لاۋىيلار 12:2
14 Iomraidhean Croise  

خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى پۈتۈن جانلىقلارنى باشقۇرۇڭلار.


كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا مۇنداق دېدى: «ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭدا تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن، شۇنداقتىمۇ ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ.»


داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ ئايالنى ئەكەلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. (بۇ چاغدا ئۇ ئايال ھەيز كۆرۈپ، ئەمدىلا پاكلانغانىدى.) ئاندىن ئۇ ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


ناپاك ئادەمنى كىم تازىلىيالايدۇ؟ ھېچكىم!


ئادەم بولسىلا پاك بولامدۇ؟ ئايالدىن تۇغۇلسىلا ئادىل بولامدۇ؟


خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنساننى قانداقمۇ ھەققانىي دېگىلى بولسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلارنى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن؟


گۇناھكارمەن شۈبھىسىزكى تۇغۇلغىنىمدىلا، ھەتتا ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


ئەگەر ئايال قىز تۇغسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئون تۆت كۈن ھەيز مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئاتمىش ئالتە كۈندىن كېيىن، قان كېلىشتىن پاكلىنىدۇ.


_ ئايال ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ناپاكتۇر. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭغا تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


ھەيز كۆرۈپ ناپاك بولغان ئايالىڭلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماڭلار.


ئەگەر بىرسى باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.


مەريەمنىڭ قىرىقى توشقاندا، خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بەرگەن ئەمرىدىكى «تۇنجى ئوغۇل خۇداغا مەنسۇپ» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يۈسۈپ بىلەن مەريەم بالىنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan