Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




لاۋىيلار 1:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئاندىن قۇربانلىقنىڭ پارچىلىرىنى، بېشىنى ۋە چاۋا مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




لاۋىيلار 1:8
9 Iomraidhean Croise  

ئەمدى بىزگە ئىككى بۇقا كەلتۈرۈڭلار. بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى بۇقىدىن بىرنى تاللاپ، پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن، لېكىن ئوت ياقمىسۇن. مەنمۇ يەنە بىر بۇقىنى پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قوياي، ئوت ياقماي.


ئاندىن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە ئوتۇن تىزىپ، بۇقىنى سويۇپ، پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويدى. ئاندىن ئۇ: _ قۇربانلىقنىڭ ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆت ئىدىش سۇ قۇيۇڭلار، _ دېدى.


قالغان تۆتىگە قۇربانلىق گۆشلەر قويۇلاتتى. خانىنىڭ تاملىرىغا 8 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قوش ئىلمەكلەر قېقىلغانىدى.


قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنى پارچىلىسۇن. ئاندىن روھانىي قۇربانلىق پارچىلىرىنى، قۇربانلىقنىڭ بېشىنى ۋە چاۋا مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن.


قۇربانلىق سۇنغۇچى ئامانلىق قۇربانلىقىدىن مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۇنسۇن، يەنى قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرى،


ئىككى بۆرىكى، بۆرەك مېيى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan