Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




لاۋىيلار 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، سىلەردىن بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇنماقچى بولسا، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىدىن قۇربانلىق قىلسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




لاۋىيلار 1:2
13 Iomraidhean Croise  

ھوسۇل مەزگىلى كەلگەندە، قابىل يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىدى.


بىراق قابىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىدىن رازى بولمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بولغان قابىلنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.


پەرۋەردىگار شەرىپىگە مۇناسىپ ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار، خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار. ئەي جاھان ئەھلى، پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار، پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار. بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.


ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، يېڭى ئاي بايرىمى ۋە پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك، ئۇلار پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى.


توپىدىن مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى كۆيدۈرۈڭلار. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن جايلارغا كېلىپ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن.


ماڭا مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەر سۇنغاندا، مەيلى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن، قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ياكى ھېيتلىرىڭلار ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىق بولسۇن، كالا ياكى قوي-ئۆچكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە قۇربانلىق قىلىڭلار.


ئەر ئايالىنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. ئۇ يەنە ئايالى ئۈچۈن بىر كىلو ئارپا ئۇنىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئېلىپ بارسۇن. بۇ كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيە بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى قۇيمىسۇن، ئىسرىقنىمۇ سالمىسۇن.


كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،


لېكىن، سىلەر: «ئاتا-ئانىسىغا: ˜مەندىن ئالىدىغان پۈتۈن ماددىي ياردىمىڭلارنى قۇربان قىلدىم، يەنى خۇداغا ئاتىۋەتتىمŒ دېسە،


شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.


ھەمدە خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن ھەربىرىمىزدە ئوخشاش بولمىغان قابىلىيەتلەر بار بولىدۇ. ئەگەر خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى ئۆزىنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش بولسا، ئۇنىڭ سىلەرگە ۋەھىي ئارقىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئىشەنگىنىڭلاردەك، ئىشەنچ بىلەن بۇ ۋەھىينى باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار.


ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan