16 تاشلىقىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىدىكى كۈل تۆكىدىغان يەرگە تاشلىۋەتسۇن.
بۇ ئىش شۇئان پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ بېشىغا كەلدى. ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلاندى، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يېدى. ئۇنىڭ تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇنىڭ چاچلىرى ئۆسۈپ بۈركۈتنىڭ پەيلىرىدەك، تىرناقلىرى ئۆسۈپ قۇشلارنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكۈچە، بۇ ئەھۋال داۋاملاشتى.
گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ۋە گۇناھنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان ۋە قېنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن بۇقا ۋە تېكە قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيى كۆيدۈرۈلسۇن.
ياكى تېپىۋالغان نەرسىسىنى ئېتىراپ قىلمىسا ۋە يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلمىدىم، دەپ مەن خۇدانىڭ نامى بىلەن يالغان قەسەم قىلسا،
- خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.
خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!