Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




مەرسىيەلەر 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىغان بوۋاقلارنىڭ تىللىرى چاپلىشىپ قالغان تاڭلىيىغا، نان سورىسا تىلەمچىلىك قىلىپ بالىلار، بىر بۇردا نان بەرمەس ھېچكىم ئۇلارغا.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




مەرسىيەلەر 4:4
12 Iomraidhean Croise  

سەركەردە جاۋاب بېرىپ: _ خوجايىنىم مېنى بۇ سۆزلەرنى پەقەت سىلەر بىلەن پادىشاھىڭلارغىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكىنى يوق. سېپىل ئۈستىدىكىلەرمۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىسۇن. ئەگەر بىز بۇ شەھەرنى قورشاۋغا ئالساق، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش پوقىنى يەپ، سۈيدۈكىنى ئىچىدۇ، _ دېدى.


شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىگە كەلگەندە خەلقنىڭ ئوزۇقى تۈگەپ، شەھەردە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى.


ئەي يېرۇسالېم، سېنى ئۇنتۇسام، سېنى ئەڭ زور خۇشاللىقىم دەپ بىلمىسەم، چاپلىشىپ قالسۇن تاڭلىيىمغا تىلىم.


قۇرىدى كۈچ-مادارىم ئوخشاپ ساپال پارچىسىغا، چاپلىشىپ قالدى تىلىم تاڭلىيىمغا، قويدۇڭ مېنى ئۆلۈم توپىسىغا.


خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنىدۇ. يۈز-ئابرۇيلۇقلار ۋە پۇقرالار ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ھالاك بولىدۇ.


بايلار خىزمەتكارلىرىنى سۇغا ئەۋەتىدۇ. ئۇلار قۇدۇقلارغا بارىدۇ، ئەمما سۇ تاپالماي، ئىدىشلىرى قۇرۇق ھالدا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ، ئازابلىنىپ، باشلىرىنى چاڭگاللىشدۇ.


پۈتۈن سىئون خەلقى نانغا زار بولۇپ، ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى ئاش تېگىشىپ يەر گۆھەرگە. سىئون نالە قىلماقتا: «ئى پەرۋەردىگار، نەزەر سال ماڭا، مەن خارلانماقتىمەن!


«خۇدادىن كېلىدىغان جازاغا ئۆزلىرىڭلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىز شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا قونغان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭلار ۋە ئۇلارغا: «بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا نامايان بولغانىدى!» دەڭلار.


شۇ سەۋەبتىن سىلەر بارلىق نەرسەڭلاردىن ئايرىلىپ، ئاچ، يالىڭاچ ۋە چاڭقىغان ھالدا پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن دۈشمىنىڭلارنىڭ قۇلى بولىسىلەر. سىلەر تاكى ھالاك بولغۇچە، دۈشمەن تۆمۈر بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭلارغا سالىدۇ.


ئۇلار ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىدۇ. كېسەللىك ۋە ۋابا ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى، زەھەرلىك يىلانلارنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan