2 ئالتۇندەك قىممەتلىك ئىدى سىئون ئوغۇللىرى ئەسلىدە، ئەمدى بولدى كۇلالچىنىڭ ھېجىرىدەك قەدىرسىز بۈگۈندە!
ئۇ خۇددى يەرگە چۈشكەن كومزەك پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەندەك، شۇنچىلىك پارچىلىنىپ كېتىدۇكى، ئوچاقتىن قوقاس ئالغۇدەك پارچىسىمۇ، كۆلچەكتىن سۇ ئالغۇدەك پارچىسىمۇ قالمايدۇ.»
ئۆزۈڭ تۇغقان شۇنچە كۆپ ئوغۇللىرىڭدىن سېنى يۆلەپ ماڭىدىغان بىرەرسىمۇ چىقمىدى. ئۆزۈڭ ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلغان شۇنچە كۆپ ئوغۇللىرىڭدىن سېنى يېتىلەپ ماڭىدىغان بىرەرسىمۇ چىقمىدى.
پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ بېرىپ، ساپالچىدىن بىر ئىدىش سېتىۋالغىن! بارغىنىڭدا خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە روھانىيلارنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئەگەشتۈرۈپ بارغىن.
ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئىدىشنى چاققاندەك، بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى چاقىمەن. چېقىلغان ئىدىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. جەسەتلەر تاكى توفەتتە يەر قالمىغۇچە كۆمۈلىدۇ.
كىشىلەر: ‹نېمىشقا يىھوياكىن دېگەن بۇ ئادەم خۇددى چېقىلىپ تاشلىۋېتىلگەن ئىدىشتەك كۈنگە قالىدۇ؟ ئۇ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى نېمە ئۈچۈن يات بىر زېمىنغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ.
قېرىلارنىڭ، بالىلارنىڭ جەسەتلىرى ياتار كوچىدا، قىزلىرىم، ئوغۇللىرىم ئۆلتۈرۈلگەن قىلىچ ئاستىدا. ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭ سەن غەزەپلەنگەن كۈنۈڭدە، ھېچبىر رەھىم قىلمىدىڭ قىرىپ تاشلىغىنىڭدا.
ئىككى قولىدىن ئېسىپ قويۇلار يولباشچىلار، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ ئاقساقاللار.
ئىسرائىلىيە يۇتۇۋېلىندى، ئۇ باشقا ئەللەر ئارىسىدا كېرەكسىز قاچا-قۇچىغا ئوخشاپ قالدى.
مەن يەھۇدىيەنى يادەك ئېگىمەن، ئىسرائىلىيەنى ئوق كەبى بەتلەيمەن. ئەي سىئون خەلقى، مەن ئوغۇللىرىڭلارنى ئويغىتىپ، يۇنان خەلقىگە قارشى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. مەن سىلەرنى جەڭچىلەرنىڭ قىلىچىدەك ئىشلىتىمەن.»
خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغىنى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرىدىن ئىبارەت بولغان بىباھا خەزىنىدۇر. بىز گويا بۇ خەزىنە قاچىلانغان ساپال ئىدىش. مانا بۇنىڭدىن كىشىلەر بىزدىكى ئۇلۇغ قۇدرەتنىڭ ئۆزىمىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.
باي ئائىلىلەردە پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارلا بولۇپ قالماي، ياغاچ، ساپال قاچىلارمۇ بولىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار ئالاھىدە سورۇنلاردا، باشقىلىرى بولسا ئادەتتىكى سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ.