3 بەرھەق، ئۇ كۈنبويى زەربە بېرەر، ماڭا تىنماي ھۇجۇم قىلار.
ئەسلىدە مەن خاتىرجەم ئىدىم، خۇدا مېنى ئېزىۋەتتى، بوينۇمدىن ئېلىپ يەرگە ئاتتى، ئوقىغا نىشان قىلدى.
ئەي دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن! چۈنكى خۇدا مېنى ئۇردى.
شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ، يېتىملەرگە قول كۆتۈرگەن بولسام،
ماڭا ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوقلىرى تەگدى، روھىم ئۇنىڭدىكى زەھەرنى سۈمۈرمەكتە، خۇدا مېنى ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن قورقۇتماقتا.
كىردى تېنىمگە ئوقلىرىڭ، باستى مېنى قوللىرىڭ.
سىلەرگە قارشى قول كۆتۈرىمەن. داشقاللىرىڭلارنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، پۈتكۈل ئەخلەتلىرىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايمەن.
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە غەزىپى قوزغالدى، ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ، جەسەتلەر خۇددى ئەخلەتكە ئوخشاش، كوچىلاردا ياتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.
لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.
پەرۋەردىگار بۇنداق ئادەمنى كەچۈرمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قاتتىق قەھر-غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. بۇ يازمىدا پۈتۈلگەن بارلىق قارغىشلار ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى دۇنيادىن يوقىتىدۇ.