مەرسىيەلەر 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 پەرۋەردىگار دۈشمىنىگە بەتلىگەندەك ئوقياسىنى، ئوڭ قولىدا تارتىپ يانىڭ كىرىچىنى، ئۆلتۈردى بىز سۆيگەن بارلىق كىشىلەرنى، ياغدۇردى ھەم سىئون خەلقىگە ئوتتەك قەھرىنى. Faic an caibideil |
ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خان جەمەتى، پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيدۇكى، ھەر كۈنى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.
چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كەتسەڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرگە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئۇلار قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.»