Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




مەرسىيەلەر 2:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئىگىمىز رەھىمسىزلىك بىلەن ۋەيران قىلىپ ياقۇپنىڭ تۇرالغۇلىرىنى، غەزەپ بىلەن تۈزلەپ تاشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ قەلئەلىرىنى، ئاياغ ئاستى قىلىپ، خورلىدى يەھۇدىيە پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ يولباشچىلىرىنى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




مەرسىيەلەر 2:2
32 Iomraidhean Croise  

_ خىزمەتكارىم ئايۇپقا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ زېمىندا ئۇنىڭدەك قۇسۇرسىز، دۇرۇس ئادەم يوق، ئۇ ماڭا ئىخلاسمەن بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇرىدۇ. گەرچە سەن مېنى ئۇنىڭغا سەۋەبسىزلا زەربە بېرىشكە، ئۇنى ۋەيران قىلىشقا قۇتراتقان بولساڭمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالدى، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا.


تونۇردىكى چوغلار كەبى كۆيەر ئۇلار، نامايان قىلغىنىڭدا قەھرىڭنى، يالماپ كېتەر ئوت يالقۇنى _ غەزەپلىرىڭ يۇتار ئۇلارنى.


ئى خۇدا، ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويۇشتى، ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاينى دەپسەندە قىلىشتى.


ئىگەم _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن جىلغىغا ۋەيرانچىلىق، مەغلۇبىيەت ۋە قالايمىقانچىلىق كۈنلىرىنى ئىرادە قىلدى. سېپىللار بۇزۇپ تاشلىنىدىغان ۋە تاغلاردىن ياردەم تىلەپ يىغلايدىغان كۈنلەرنى ئىرادە قىلدى.


بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى. ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى. يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى.


ئۇ موئابلارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئۆرۈپ، گۇمران قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.


ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ كىبىرىنى سۇندۇرىدۇ. ئۆزىنى ئاسماندا چاغلايدىغانلارنىڭ شەھەرلىرىنى تۈزلىۋېتىدۇ. ئۇلارنى توپا دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.


شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.


شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ روھانىيلىرىڭلارنى شەرمەندە قىلىمەن، باشقا ئەللەرنىڭ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويىمەن، سىلەرنى خورلۇقتا قويىمەن.»


مەن خەلقىمدىن غەزەپلەندىم. مەن ئۇلارنى تاشلىۋېتىپ، سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، لېكىن سەن ئۇلارغا رەھىمدىللىك قىلمىدىڭ، ھەتتا قېرىلارنىمۇ ئاياپ قويمىدىڭ.


ئاندىن مەن ئۇلارنى شاراب ئىدىشلىرى بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ چېقىلغاندەك، بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇشقا سالىمەن، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن. ئۇلارغا ھېچقانداق ھېسداشلىق، ئىچ ئاغرىتىش ۋە شەپقەت كۆرسەتمەيمەن. ھېچقانداق نەرسە مېنىڭ ئۇلارنى ۋەيران قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


«ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›»


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›»


مەن سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى: ‹سىلەر مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمغا كىرىپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار، لېكىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەڭلار. ئۈزۈمزارلىق ماڭا مەنسۇپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەكلەرنى كېسىۋېتىڭلار.


پەرۋەردىگار ئورۇندىدى پىلانىنى، ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بۇرۇن قىلغان سۆزىنى، ئۇ رەھىم قىلماي يوقاتتى سېنى، مەغلۇبىيىتىڭدىن شادلاندۇرۇپ دۈشمىنىڭنى، تېخىمۇ كۈچلەندۈردى رەقىبىڭنى.


قېرىلارنىڭ، بالىلارنىڭ جەسەتلىرى ياتار كوچىدا، قىزلىرىم، ئوغۇللىرىم ئۆلتۈرۈلگەن قىلىچ ئاستىدا. ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭ سەن غەزەپلەنگەن كۈنۈڭدە، ھېچبىر رەھىم قىلمىدىڭ قىرىپ تاشلىغىنىڭدا.


ئىگىمىز دۈشمەن كەبى ۋەيران قىلدى ئىسرائىلىيەنى، ۋەيران قىلىپ سارايلارنى، تۈزلىۋەتتى قەلئەلەرنى، يەھۇدىيە خەلقى توختىتالماس ماتەم يىغىسىنى.


غەزەپ بىلەن قوغلاپ ئارقىمىزدىن، رەھىمسىزلەرچە قىردىڭ بىزنى.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن يىرگىنچلىك بۇت ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن، ساڭا شاپائەت قىلمايمەن ھەم ئىچ ئاغرىتمايمەن.


مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن، ساڭا ئىچ ئاغرىتمايمەن، سېنى تۇتقان يولۇڭ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن جازالايمەن. شۇندىلا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.»


ئەمدى مەن سىلەرنى ئاياپ قويمايمەن، ئىچ ئاغرىتمايمەن. سىلەر تۇتقان يولۇڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلار ئۈچۈن جازالىنىسىلەر. شۇندىلا سىلەر، سىلەرنى جازالىغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.


شۇڭا مەن ئۇلارغا غەزەپ قىلىمەن، ئۇلارنى ئاياپ ئولتۇرمايمەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتمايمەن، ئۇلار قاتتىق نالە قىلسىمۇ، ئەمدى پەرۋا قىلمايمەن، _ دېدى.


شۇڭا ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن، ھېچكىمگە رەھىم قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن.


سىلەردىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوقىتىمەن، شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن.


ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىدوملۇقلار بەلكىم: «بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋەيران قىلىنسىمۇ، ئەمما بىز بۇ خارابىلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايمىز» دېيىشى مۇمكىن. بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئۇلار يەنە قايتىدىن قۇرۇپ چىقار، ئەمما مەن يەنە ۋەيران قىلىمەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ‹رەزىللىككە تولغان زېمىن›، خەلقى ‹پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك غەزىپىگە ئۇچرىغان خەلق› دەپ نام ئالىدۇ.


مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ كېرەك ئىدىغۇ؟» دەپتۇ.


چۈنكى، جەڭ قوراللىرىمىز بۇ دۇنياغا خاس قوراللار ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ مۇستەھكەم قەلئەلىرىنى گۇمران قىلىدىغان، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئىگە بولغان قوراللاردۇر.


ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىڭلارنى قورشىۋالىدۇ. سىلەرنىڭ تايىنىدىغان ئېگىز، مۇستەھكەم سېپىللىرىڭلار ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان پۈتۈن زېمىنىڭلاردىكى شەھەرلىرىڭلارنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ.


غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan