Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




مەرسىيەلەر 1:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 يېرۇسالېم قىلىپ قاتتىق گۇناھ، بۇلغىدى ئۆزىنى. بۇرۇن ئۇنى ھۆرمەت قىلغانلار، كۆرۈپ ئەمدى شەرمەندىچىلىكىنى، كەمسىتەر ئۇنى. ئۇ ھەسرەتلىنىپ، قاچۇرار ئۆزىنى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




مەرسىيەلەر 1:8
33 Iomraidhean Croise  

ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى ۋە ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى.


ئەمما سىلەر ياكى سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مەن بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلماي، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنسا،


مەن ئۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىمەن، ھەتتا ئۆز نامىمغا ئاتاپ، مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ كۆزۈمدىن يوقىتىمەن. ئۇلار بارلىق ئەللەر ئالدىدا مازاق ۋە كۈلكىگە قالىدۇ.


باشقىلار: «چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇ بالايىئاپەتلەرنى ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.


سەن يالىڭاچلىنىپ قېلىپ، نومۇسقا قالىسەن. مەن سەندىن قىساس ئالىمەن، مەن ھېچكىمنى ئايىمايمەن.»


سەن بەلكىم ئۆزۈڭدىن: ‹نېمە ئۈچۈن بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ؟› دەپ سورايسەن. گۇناھلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىملىرىڭ يىرتىلىپ، دەپسەندە قىلىندىڭ.


مەن سىلەرنىڭ كىيىملىرىڭلارنى يىرتىپ تاشلايمەن. ئۇياتلىق يېرىڭلار ئېچىلىپ قالىدۇ.


يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل پادىشاھلىقنىڭ خەلقلىرى ئىسرائىل خەلقى دۇچار بولغان پاجىئەلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولغاندۇر.


مەن ئۇلارغا دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈپ كەتكۈدەك بىر بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈشىدۇ، مەسخىرە قىلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى خارلايدۇ. مەن ئۇلارنى چېچىۋەتكەن ھەرقانداق يەرلەردە ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزىگە ئوخشاش تىلغا ئېلىنىدۇ.


لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن! مەن سىلەرنى ئۇرۇش، كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن.


مەن خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى، تۇنجى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭرىغان بىر ئايالنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. بۇ، گۈزەل يېرۇسالېمنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ قوللىرىنى كۆككە سوزۇپ، «ھالىمغا ۋاي! مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!» دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئىدى.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاھىل، ئاسىيلاردۇر! ئۇلارنىڭ يۈرىكى تۇچ ياكى تۆمۈرگە ئوخشاش قاتتىق. ئۇلار باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى چىرىكلەشكەن.


پۈتۈن سىئون خەلقى نانغا زار بولۇپ، ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى ئاش تېگىشىپ يەر گۆھەرگە. سىئون نالە قىلماقتا: «ئى پەرۋەردىگار، نەزەر سال ماڭا، مەن خارلانماقتىمەن!


سىئون قولىنى سوزۇپ ياردەم سورايدۇ، لېكىن ھېچكىم پەرۋا قىلماس ئۇنىڭغا. پەرۋەردىگار ئەمر قىلدى قوشنا ئەللەرگە: «دۈشمەن بول» دەپ ياقۇپ نەسلىگە. يېرۇسالېم قوشنا ئەللەرنىڭ نەزىرىدە بولۇپ قالدى ئەمدى يىرگىنچلىك بىر نەرسە.


سىئوننىڭ ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، يەردە ئۈنسىز ئولتۇرۇپ قالدى. يېرۇسالېم قىزلىرى غەمدىن باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ قالدى.


ئەي ئۇس يۇرتىدا ياشايدىغان ئىدوملۇقلار، خۇشال بولۇۋېلىڭلار، شادلىنىۋېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تولغان قەدەھ كېلەر ئەمدى سىلەرگە، ئۇنى ئىچىپ مەست بولىسىلەر، ئاندىن يالىڭاچلىنىسىلەر.


ئۇلار ساڭا تولۇپ تاشقان ئۆچمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. سېنىڭ تىرىشىپ تاپقانلىرىڭنى تارتىۋالىدۇ، سەن يالىڭاچ قالىسەن. سېنىڭ پاھىشىلىكىڭ ئاشكارا بولۇپ، چاۋاڭ چىتقا يېيىلىدۇ.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «ئۇلارغا بىر قوشۇننى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن، ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ، قورقۇنچقا چۈشىدۇ.


باشقا ئەللەرمۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. مەن خەلقىمدىن دىدارىمنى يوشۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا جېنىدىن جۇدا بولدى.


ئاشنىلىرىنىڭ ئالدىدا كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، يالىڭاچ قىلىپ قويىمەن. ھېچكىم ئۇنى قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ.


بولمىسا مەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئۇنى ئانىدىن تۇغما ھالەتكە كەلتۈرىمەن. خۇددى قۇملۇقتەك قاقاس چۆلگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىتىپ ئۆلتۈرىمەن.


شۇڭا، باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوت بىلەن تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق ئەيىبىڭنى يېپىشىڭ ئۈچۈن كىيىدىغان ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتىدىغان مەلھەملەرنى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.


شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan