12 ئەي يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار، پەرۋا قىلمامسىلەر ماڭا، كۆرۈۋاتامسىلەر مېنى؟ پەرۋەردىگار غەزەپ كۈنىدە ئازاب بەردى ماڭا، كىم مەندەك ئازابلىنىپ باققان؟
قەھر-غەزىپىڭ باستى ئۈستۈمنى، ۋەھىمىلىرىڭ نابۇت قىلدى مېنى.
بۇ مېنىڭ ئاسماننى تىترىتىپ، زېمىننى تەۋرىتىپ، ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇ كۈنى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ھەممىگە رەھىمسىزلەرچە غەزىپىمنى چاچىمەن.»
مەن ۋارقىراپ مۇنداق دېدىم: «ھالىمىزغا ۋاي، بىز يارىلاندۇق! جاراھەتلىرىمىز ئېغىر! بىز: ‹بۇ پەقەتلا بىر كېسەللىك، ئۇنىڭغا چىدىيالايمىز!› دەپ ئويلىغانىدۇق.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېمىنى خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، بۇ زېمىن مەسخىرە نىشانى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە باشلىرىنى چايقىشىدۇ.
بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خۇددى بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش كېلىدۇ. ئۇ خۇددى شىددەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش، رەزىل كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى، تاكى يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە يانمايدۇ. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بۇنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر.
ھالىڭلارغا ۋاي! مانا، قورقۇنچلۇق كۈنلەر كەلمەكتە. ئۇ كۈنلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ھېچقانداق بىر كۈن يوقتۇر. ئۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدىغان كۈنلەردۇر، لېكىن ئۇلار ئۇ ئازابلىق كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ.
شۇڭا ماتەملىك كىيىملىرىڭلارنى كىيىپ، قايغۇرۇپ، ھازا تۇتۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە بولغان غەزىپى تېخى بېسىلمىدى.
ئەي موئاب، سەن ئىسرائىللارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن ئۇلارنى پەقەت ئوغرى دەپلا ئويلىدىڭمۇ؟ قاچانلا ئىسرائىللار توغرىسىدا گەپ قىلساڭ، بېشىڭنى چايقاپ، ئۇلارنى مەنسىتمىدىڭ.
سىئون يەنە نالە قىلماقتا: «لېكىن ئادالەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۆزۈمدۇرمەن قارشى چىققان ئۇنىڭ ئەمرىگە. ئەي بارچە ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، بىر بېقىڭلار كۈلپەتلىرىمگە! قىز-ئوغۇللىرىم دۇچار بولدى سۈرگۈنگە.
ئاھ، ئىگىمىزنىڭ غەزىپى خۇددى قارا بۇلۇتقا ئوخشاش قاپلىدى سىئوننى، ئەرشتىن ئېلىپ، تاشلىدى يەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپىنى. ئۇ غەزەپلەنگەندە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئويلاپمۇ قويمىدى.
ئەي يېرۇسالېم، نېمە دەي ساڭا؟ كىمنىڭ دەردى يېتەر ساڭا؟ ئەي سىئون، قانداق تەسەللى بېرەي ساڭا؟ نېمىگە ئوخشىتاي سېنى، ساقايماستۇر جاراھىتىڭ، تاپالايدۇ جاراھىتىڭگە كىممۇ داۋا؟
سەن بىزگە ۋە بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىزغا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭ. سەن بىزگە زور بالا-قازا ياغدۇردۇڭ. يېرۇسالېم دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئەزەلدىن پۈتۈن ئالەمدە بولۇپ باقمىغانىدى.
ئۇ كۈن قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر. قاراڭغۇلۇق تاغلارنى قاپلىغاندەك، زور كۈچلۈك قوشۇن زېمىننى قاپلايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار بۇرۇنمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.
چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ.