Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 9:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 _ بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار، _ دېدى ئۇلار جاۋابەن. ئەمما يوشۇۋا: _ سىلەر كىم؟ زادى قەيەردىن كەلدىڭلار؟ _ دەپ يەنە قايتىلاپ سورىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 9:8
9 Iomraidhean Croise  

ئوردا غوجىدارى، شەھەر باشلىقى، ئاقساقاللار ۋە ئاخابنىڭ بالىلىرىغا ھامىيلىق قىلغۇچىلار بىرلىشىپ، يېھۇغا: «بىز ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرىدۇرمىز، نېمە قىلىشنى بۇيرۇسىلا، شۇنى ئورۇنلايمىز. ھېچكىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەيمىز. سىلى نېمە قىلىشنى خالىسىلا، شۇنى قىلسىلا» دېگەن سۆزنى ئەۋەتتى.


ئەگەر ئۇلار تەسلىم بولۇپ، شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئاچسا، ئۇلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇلدەك ئىشلىتىڭلار.


گىبئونلۇقلار گىلگالدىكى يوشۇۋانىڭ قارارگاھىغا جىددىي ئادەم ئەۋەتىپ، يوشۇۋادىن: «تاغلىق رايونلاردىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھلىرى بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، تېزلىكتە كېلىپ بىزگە ياردەم بېرىڭلار، بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، بىز خىزمەتكارلىرىڭىزنى تاشلاپ قويماڭلار!» دەپ ئۆتۈنۈشتى.


شۇڭا بىزنىڭ ئاقساقاللىرىمىز ۋە بارلىق خەلقىمىز بىزگە: «سىلەر ئۇزۇن سەپەرگە يەتكۈدەك يېمەكلىك ئېلىپ، سەپەرگە ئاتلىنىڭلار. بېرىپ ئىسرائىل خەلقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا: ‹بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار، بىز سىلەر بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزگىلى كەلدۇق› دەڭلار» دەپ بۇيرۇدى.


سىلەر قارغىشقا قالىسىلەر! سىلەر ھازىردىن باشلاپ خۇدانىڭ ئىبادەت جايدا ئوتۇن ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولىسىلەر، _ دېدى.


ھازىر بىز سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇق. بىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى توغرا تاپساڭلار، شۇنداق قىلىڭلار، _ دېيىشتى.


شۇ كۈندىن باشلاپ يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىل جامائىتى ۋە قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن ئوتۇن يېرىشقا ۋە سۇ توشۇشقا بۇيرۇدى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن تاللانغان يەر قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ئاشۇ ئىشلارنى قىلىدىغان بولدى. ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan