Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 9:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4-5 ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلاپ چىقتى. ئۇلار يوشۇۋاغا ئەلچى ئەۋەتىشتى. ئەلچىلەر يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن خۇرجۇن، ياماق سېلىنغان كونا شاراب تۇلۇملىرى ئارتىلغان ئېشەكلەرنى يېتىلىۋالغانىدى. پۇتلىرىغا كونىراپ، ئەبجىقى چىققان ئاياغلارنى، ئۇچىسىغا كونا كىيىملەرنى كىيىشىپ، كۆكىرىپ، قېتىپ كەتكەن نانلارنى ئېلىۋېلىشقانىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 9:4
12 Iomraidhean Croise  

شەكەم دىنانىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، دىنانىڭ ئاكىلىرى شەكەم ۋە ئاتىسى خامورنى ئالداپ،


ئوخشاپ قالساممۇ گەر ئىستا قۇرىغان كېرەكسىز تۇلۇمغا، ھەر دەم چىڭ ساقلىدىم پەرمانلىرىڭنى يادىمدا.


- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.


شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. دېمەك، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.


شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك.


باي بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ سەمىمىيەتسىز غوجىدارىنىڭ زېرەكلىكىگە قايىل بوپتۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆز كەلگۈسىنى ئويلاپ تەييارلىق قىلغانىكەن. دەرۋەقە، بۇ دۇنيانىڭ ئىمانسىز ئادەملىرى ئۆز مەنپەئىتىگە كەلگەندە، خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا ياشايدىغان ئادەملەردىن زېرەك.


بۇ نانلار بىز يولغا چىققاندا يېڭىلا پىشۇرۇلغانىدى. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، ھازىر بۇ نانلار كۆكىرىپ، قېتىپ كەتتى.


بىز بۇ شاراب تۇلۇملىرىغا شاراب توشقۇزۇپ ماڭغاندا، بۇ تۇلۇملارمۇ يېڭى ئىدى، ھازىر كونىراپ، يېرىلىپ كەتتى. بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ۋە ئاياغلىرىمىزمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.


گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان خىۋلارمۇ يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ،


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan