16 گىبئونلۇقلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىن يەردە ياشايدىغان قوشنا خەلق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى.
راست گەپ مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرار، يالغان گەپ بىردەملىك بولار.
شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان بۇ خىۋلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت بەردى. ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلۇپ قەسەم قىلىشتى.
ئىسرائىللار بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ نامى گىبئون، كىفىرا، بەئەروت، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلاتتى.
يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى يىغىپ ئۇلارغا: _ سىلەر بىزگە قوشنا تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بىزنى ئالداپ: «بىز سىلەردىن يىراق يەردە ياشايمىز» دېدىڭلار؟
_ بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا توغرىسىدا ئاڭلاپ، يىراق جايدىن كەلگەن خىزمەتكارىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مىسىردا سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق.