يوشۇۋا 9:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 بىز بۇ شاراب تۇلۇملىرىغا شاراب توشقۇزۇپ ماڭغاندا، بۇ تۇلۇملارمۇ يېڭى ئىدى، ھازىر كونىراپ، يېرىلىپ كەتتى. بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ۋە ئاياغلىرىمىزمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. Faic an caibideil |
ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلاپ چىقتى. ئۇلار يوشۇۋاغا ئەلچى ئەۋەتىشتى. ئەلچىلەر يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن خۇرجۇن، ياماق سېلىنغان كونا شاراب تۇلۇملىرى ئارتىلغان ئېشەكلەرنى يېتىلىۋالغانىدى. پۇتلىرىغا كونىراپ، ئەبجىقى چىققان ئاياغلارنى، ئۇچىسىغا كونا كىيىملەرنى كىيىشىپ، كۆكىرىپ، قېتىپ كەتكەن نانلارنى ئېلىۋېلىشقانىدى.