12 بۇ نانلار بىز يولغا چىققاندا يېڭىلا پىشۇرۇلغانىدى. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، ھازىر بۇ نانلار كۆكىرىپ، قېتىپ كەتتى.
شۇڭا بىزنىڭ ئاقساقاللىرىمىز ۋە بارلىق خەلقىمىز بىزگە: «سىلەر ئۇزۇن سەپەرگە يەتكۈدەك يېمەكلىك ئېلىپ، سەپەرگە ئاتلىنىڭلار. بېرىپ ئىسرائىل خەلقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا: ‹بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار، بىز سىلەر بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزگىلى كەلدۇق› دەڭلار» دەپ بۇيرۇدى.
بىز بۇ شاراب تۇلۇملىرىغا شاراب توشقۇزۇپ ماڭغاندا، بۇ تۇلۇملارمۇ يېڭى ئىدى، ھازىر كونىراپ، يېرىلىپ كەتتى. بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ۋە ئاياغلىرىمىزمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.