يوشۇۋا 9:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ھەمدە لىۋان تاغلىرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق پادىشاھلار، يەنى خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس پادىشاھلىرى ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە بولغان ئىشلارنى ئاڭلىدى. Faic an caibideil |
ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى.