6 ئۇلار بىزنى ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلگەندە، بىز قېچىپ، ئۇلارنى شەھەردىن ئالداپ ئېلىپ چىقىمىز. بىز ئۇلاردىن قاچقاندا، ئۇلار: «ئىسرائىللار بۇرۇنقىدەك بىزدىن قاچتى» دەيدۇ.
شۇنداق قىلساڭلار، پىرئەۋن: «ئىسرائىللار ئايلىنىپ يۈرۈپ، يوللىرىدىن ئېزىپ، ئاخىرى چۆلدە قاپتۇ» دەپ ئويلايدۇ.
ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىمەن، دەپ جار سالدى دۈشمەن. دېدى ئۇلار: ‹مال-مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ، قىلىچ بىلەن ئالىمەن دەردىمنى›.
جىنايەتچىلەر دەرھال جازاغا تارتىلمىسا، كىشىلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە يۈرەكلىك بولۇپ كېتىدۇ.
ھېچكىم ئەجەلنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. خۇددى تورغا كىرىپ قالغان بېلىقتەك، تۇزاققا چۈشۈپ قالغان قۇشتەك، ئىنسانمۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
مەن قالغان ئادەملەر بىلەن شەھەرگە يېقىنلاپ كېلىمەن. خۇددى بىرىنچى قېتىمقىغا ئوخشاش، ئۇلار شەھەردىن چىقىپ بىزگە ھۇجۇم قىلغاندا، بىز ئۇلاردىن قاچىمىز.
سىلەر بۇ چاغدا يوشۇرۇنغان جايىڭلاردىن چىقىپ، شەھەرنى ئىگىلەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ شەھەرنى قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ.
بىنيامىنلار: _ ئۇلارنى ئاۋۋالقىدەكلا مەغلۇپ قىلىمىز، _ دېيىشتى. ئىسرائىللار: _ بىز قاچقان بولۇپ، ئۇلارنى ئالداپ شەھەردىن يولغا باشلاپ چىقايلى، _ دېيىشتى.