Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 8:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 سىلەر ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنى قانداق قىلغان بولساڭلار، ئاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. بىراق بۇ قېتىم سىلەر ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ۋە مال-چارۋىلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە بۆكتۈرمە قويۇڭلار.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 8:2
27 Iomraidhean Croise  

ياروبئام بىر قىسىم لەشكەرلىرىنى يەھۇدىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئەۋەتىپ، بۆكتۈرمە قويغانىدى. ياروبئامنىڭ قوشۇنلىرى يەھۇدىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىدا، بۆكتۈرمە قوشۇن كەينىدە ئىدى.


ئۇلار تەنتەنىلىك ھالدا مۇناجات ئېيتىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەشكە باشلىغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن لەشكەرلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يەھۇدىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن مىئونلارنى، شۇنداقلا ئاممون ۋە موئابلارنى مەغلۇپ قىلدى.


سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى.


ياخشى ئادەم مىراس قالدۇرار ئەۋلادلىرىغا، گۇناھكارلارنىڭ مال-دۇنيالىرى قالار ھەققانىيلارغا.


ئېرىشەر مول بەرىكەتكە سادىق كىشى، جازاسىز قالماس بايلىققا ئېرىشىشكە ئالدىرىغۇچى.


ئوغرىلاپ كېلىنگەن تۇخۇمدىن تۆرەلگەن كەكلىك ئۇچۇپ كەتكەندەك، كىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن توپلىغان مال-دۇنيالىرى يوقىلىپ كېتىدۇ. ھايات مەزگىلىدە ئۇ مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىر ئەخمەق ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.»


بابىل سېپىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا تۇغ چىقىرىڭلار! كۆپلىگەن كۆزەتچىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىغا تۇرغۇزۇڭلار! بۆكتۈرمە قۇرۇپ تەييارلىنىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ بابىل خەلقىگە قىلماقچى بولغانلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.


لېكىن چارۋا ماللار ۋە شەھەرلىرىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى ئولجا قىلدۇق.


لېكىن شەھەردىكى ئاياللار، بالىلار، چارۋا ماللار ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ نەرسىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇڭلار، چۈنكى بۇ نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغاندۇر.


پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن.» دېدى.


يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە ئاي شەھىرىنىمۇ تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ يەنە گىبئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.


شۇ ۋاقىتتا يوشۇۋا ماققېدا شەھىرىنى ئىگىلەپ، بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى.


ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى ئۇرۇش ئولجىلىرى ۋە مال-چارۋىلارنى ئۆزلىرىگە قالدۇرۇپ، بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


ئۇلار شەھەردىكى بارلىق ئەر-ئايال، قېرى-ياش، كالا، قوي ۋە ئېشەكلەرنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى.


يوشۇۋا تەخمىنەن 5 مىڭ لەشكەرنى ئاي شەھىرىنىڭ غەربىدىكى بەيتەل بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىغا بۆكتۈرمىگە قويدى.


ئاي شەھىرىنىڭ پادىشاھى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى قوشۇننى كۆرۈپ، تاڭ سەھەردە ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان ۋادىسىدىكى بۇرۇن ئۇرۇشقان جايغا بېرىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمما ئۇ شەھەرنىڭ كەينىدىكى بۆكتۈرمىدە قوشۇن بارلىقىنى بىلمەيتتى.


يوشۇۋا شۇنداق قىلغان ھامان، بۆكتۈرمىدىكى قوشۇن يوشۇرۇنغان يېرىدىن چىقىپ، شەھەرگە يوپۇرۇلۇپ كىردى. ئۇلار تېزلىكتە شەھەرنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ئوت قويدى.


ئىسرائىللار دالادا ئۆزلىرىنى قوغلاپ كەلگەن ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئاي شەھىرىگە كىرىپ، ئۇ يەردە قېلىپ قالغانلارنى قىرىپ تاشلىدى.


شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ۋە پۈتۈن قوشۇن ئاي شەھىرىگە ھۇجۇمغا ئاتلاندى. يوشۇۋا 30 مىڭ لەشكەرنى تاللاپ، ئۇلارنى تۈندە يولغا سالدى.


سىلەر بۇ چاغدا يوشۇرۇنغان جايىڭلاردىن چىقىپ، شەھەرنى ئىگىلەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ شەھەرنى قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ.


سىلەر شەھەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە شەھەرگە ئوت قويۇڭلار. بۇ مېنىڭ سىلەرگە قىلغان ئەمرىم.


شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلار ئاي شەھىرىنىڭ غەربىگە _ بەيتەل شەھىرى بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىدا بۆكتۈرمە قويۇپ، ئاشۇ يەرگە يوشۇرۇندى. يوشۇۋا تۈننى لەشكەرلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى.


گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان خىۋلارمۇ يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ،


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan