18 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا: _ سەن قولۇڭدىكى نەيزىنى ئاي شەھىرىگە تەڭلىگىن، مەن شەھەرنى سىلەرگە بەردىم، _ دېدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.
چۈنكى ئۇلار خۇداغا مۇشت ئېتىپ، ھەممىگە قادىر خۇدا بىلەن قارشىلاشتى.
ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئوقدان جاراڭشىيدۇ، نەيزىلەر يالت-يۇلت قىلىپ چاقنايدۇ.
ئاندىن تايىقىڭنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىغىن، دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، ئىسرائىللار قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتەلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن يەنە پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىمىز: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي.
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: _ سەن ھارۇنغا: «تاياق تۇتقان قولۇڭنى مىسىردىكى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. مىسىر زېمىنىنى پاقىلار بىلەن تولدۇرۇۋەت» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى.
بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىنى كۈچلۈك، پىرئەۋننىڭ بىلەكلىرىنى ئاجىز قىلىمەن. قىلىچىمنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇ قىلىچنى پۇلاڭلىتىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلغاندا، مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
ئاي شەھىرى ۋە بەيتەل شەھىرىدە ئىسرائىللارنى قوغلىمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىدى. ئۇلار ئىسرائىللارنى قوغلاپ، شەھەرنى قۇرۇق تاشلاپ قويدى.
يوشۇۋا شۇنداق قىلغان ھامان، بۆكتۈرمىدىكى قوشۇن يوشۇرۇنغان يېرىدىن چىقىپ، شەھەرگە يوپۇرۇلۇپ كىردى. ئۇلار تېزلىكتە شەھەرنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ئوت قويدى.
يوشۇۋا ئاي شەھىرىدە ياشايدىغان بارلىق خەلق تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە نەيزىسىنى قولىدىن چۈشۈرمىدى.
سىلەر بۇ چاغدا يوشۇرۇنغان جايىڭلاردىن چىقىپ، شەھەرنى ئىگىلەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ شەھەرنى قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ.
فىلىستىيەلىك گولياتمۇ داۋۇت تەرەپكە قاراپ يېقىنلىشىپ كەلدى. ئۇنىڭ قالقان كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتاتتى.
داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن نەيزە-قىلىچ بىلەن ماڭا قارشى تۇرغىلى كېلىپسەن، لېكىن مەن سەن ھاقارەتلەۋاتقان ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ خۇداسى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ساڭا قارشى تۇرغىلى كەلدىم.
پاچىقىنىمۇ تۇچ بىلەن قوغدىغان بولۇپ، ئۆشنىسىدە بىر تۇچ نەيزە بار ئىدى.