12 يوشۇۋا تەخمىنەن 5 مىڭ لەشكەرنى ئاي شەھىرىنىڭ غەربىدىكى بەيتەل بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىغا بۆكتۈرمىگە قويدى.
كېيىن ئۇ جەنۇبقا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونغا باردى. غەرب تەرىپى بەيتەلگە، شەرق تەرىپى ئاي دېگەن جايغا تۇتىشىدىغان بۇ جايغا ئورۇنلىشىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.
بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.
يۈرۈش قىلىپ كەلگەن ئىسرائىل قوشۇنى ئاي شەھىرىگە يېقىن كېلىپ، ئاي شەھىرىنىڭ شىمالىدا قارارگاھ قۇردى. قوشۇن بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، ئاساسلىق قوشۇن شەھەرنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قالغانلار شەھەرنىڭ غەربىگە مۆكتۈرۈلدى. يوشۇۋا شۇ كېچىنى جىلغىدا ئۆتكۈزدى.
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى بەيتەل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار بولدى. بۇ چاغدا بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لۇز ئىدى. ئۇلار شەھەرگە ئايغاقچى ئەۋەتكەنىدى.
سائۇل ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ، جىلغىدا بۆكتۈرمىدە ياتتى.