Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 7:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى شەھەر دەرۋازىسىدىن تاش قېزىش ئورنىغىچە قوغلاپ باردى. ئىسرائىللار دۆڭلۈكتىن تۆۋەن تەرەپكە چېكىنىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 36 ئادىمى ئۆلتۈرۈلدى. بۇنى كۆرگەن ئىسرائىللارنىڭ يۈرەكلىرى قورقۇنچتىن سۇ بولۇپ كەتتى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 7:5
10 Iomraidhean Croise  

گويا سۇدەك تۆكۈلۈپ مەندىن كەتتى قۇدرىتىم، ئۈگۈلىرىدىن ئاجراپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم، گويا شام بولۇپ ئىچىمدە ئېرىدى يۈرىكىم، ئۈمىدسىزلىكتىن يوقالدى جاسارىتىم.


ئۇلار خۇددى ئېقىپ كەتكەن سۇلار كەبى يوقالسۇن، ئوقيالىرىنى بەتلىسە، ئوقى شۇئان سۇنۇپ كەتسۇن.


ھەممە ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىدۇ.


ئەگەر بىرسى سەندىن نېمىشقا نالە قىلىسەن، دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەر: «شۇم خەۋەر كېلىۋاتىدۇ. بۇ خەۋەردىن ھەر كىشىنىڭ يۈرىكى سېلىپ، قوللىرىدا جان قالمايدۇ. ھەركىمنىڭ روھى چۈشۈپ، قورقۇنچتىن تېقىملىرىغا سىيىۋېتىشىدۇ. مانا شۇ ۋاقىت يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ». بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئاراڭلاردىن ھايات قالغىنىڭلارنى دۈشمەن ئەللەردە ۋەھىمىگە سالىمەن، سىلەر غازاڭلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىنمۇ دەھشەتكە چۈشىسىلەر. خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغاندەك قاچىسىلەر. ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، يىقىلىپ چۈشىسىلەر.


نىنەۋى شەھىرى يىقىلىدۇ، پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلىپ، ۋەيران بولىدۇ. نىنەۋىلىكلەرنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ، تەنلىرى جۇغۇلداپ، چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.


تاغلاردا ياشايدىغان ئامورلار ئۇلارغا قارشى ھەرىدەك جەڭگە ئاتلاندى. ئامورلار ئۇلارنى سەئىر رايونىدىكى خورماھقىچە قوغلاپ كەلدى ۋە ئۇ يەردە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.


بىز بۇلارنى ئاڭلىغان ھامان قورقۇپ، جاسارىتىمىز يوقالدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ خۇداسىدۇر.


ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى بىلىمەن. سىلەر بىزنى بەكلا قورقۇتۇۋەتتىڭلار. بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلق سىلەردىن قورقۇپ، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى.


ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan