Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 7:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئاندىن زابدى ئائىلىسىنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرلەپ ئالدىغا چىقتى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاكان تاللاندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى. كارمى بولسا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا زەراخنىڭ ئوغلى ئىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 7:18
6 Iomraidhean Croise  

گۇناھكارلارنىڭ كەينىدىن بالا قوغلىشار، ھەققانىيلار ياخشى ئىنئام ئالار.


تۇتۇلۇپ قالغان ئوغرى شەرمەندە بولغاندەك، سىلەر ئىسرائىل خەلقىمۇ شەرمەندە بولىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھلىرىڭلار، ئەمەلدارلىرىڭلار، روھانىيلىرىڭلار ۋە پەيغەمبەرلىرىڭلارمۇ خىجالەتتە قالىدۇ.


ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر.


شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكى جەمەتلەر ئالدىغا چىقتى، بۇلاردىن زەراخ جەمەتى تاللاندى. ئاندىن كېيىن زەراخ جەمەتى ئائىلىلىرى بىلەن ئالدىغا چىقتى، ئۇلاردىن زابدى ئائىلىسى تاللاندى.


سائۇل: _ مەن بىلەن ئوغلۇم يوناتانغا چەك تاشلانسۇن، _ دېدى. چەك يوناتانغا چىقتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan