15 پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرگە خىيانەت قىلغان كىشى، شۇ نەرسىلەر بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئارىسىدا شەرمەندە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىنى بۇزدى.
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتىن يېڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق غەزەپكە كەلدى ۋە شەكەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىڭلىسى بولغان دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشىنى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىسىنى ھاقارەتلەيدىغان، شۇنداقلا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەتچىلىك، دەپ قارىدى.
بۇ رەسۋاچىلىقنى مەن قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەي؟ سىزمۇ ئىسرائىللار ئىچىدىكى ئۇياتسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز. ئۆتۈنەي، پادىشاھقا ئېيتسىڭىز، ئۇ مېنىڭ سىزگە ياتلىق بولۇشۇمغا قارشى چىقمايدۇ، _ دېدى.
ئىسرائىللار ئۆزلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار يالغانچىلىق قىلىپ، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتماي، ئۆز بىساتىغا قوشۇۋېلىپ، خىيانەت قىلدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى يىغدى، ئۇلاردىن يەھۇدا قەبىلىسى تاللاندى.
بىز ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى ھەر يۈز ئادەمدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ياكى ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ، قوشۇننى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەشكە قويىمىز. قوشۇنىمىز بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھقا يېتىپ بارغاندا، گىبئاھلىقلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا قىلغان نومۇسسىزلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايمىز، _ دېيىشتى.
كېچىدە گىبئاھلىقلارنىڭ ئاقساقاللىرى كېلىپ، مەن چۈشكەن ئۆينى قورشىۋېلىپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇلار مېنىڭ خوتۇنۇمغا پەسكەشلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن توقىلىمنى پارچىلاپ، ئىسرائىل خەلقىگە تەقسىم قىلىنغان ھەربىر زېمىنغا ئەۋەتتىم. چۈنكى گىبئاھلىقلار ئىسرائىللار ئارىسىدا شۇنداق نومۇسسىز ۋە ئىپلاس ئىشتىن بىرنى قىلدى.
سائۇل مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇم داۋۇت، مەن گۇناھ قىلدىم، ئەمدى قايتىپ كەلگىن. بۈگۈن سەن جېنىمنى ئەزىز بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. مەن ئەخمەقلىق قىلىپ، قاتتىق گۇناھ قىلىپتىمەن.