Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 7:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئىسرائىللار ئۆزلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار يالغانچىلىق قىلىپ، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتماي، ئۆز بىساتىغا قوشۇۋېلىپ، خىيانەت قىلدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 7:11
24 Iomraidhean Croise  

چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداغا ئىتائەت قىلماي، ئۇنىڭ بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇسا بۇيرۇغان ئەمرلەرگە ئەمەل قىلمىغانىدى.


ئۇلار تاغقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، گېخازى نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىۋېلىپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى ۋە نەرسىلەرنى ئۆيگە ئاپىرىۋالدى.


كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن، يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.


بۇ ئەھدە، مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا تۈزگەن بۇرۇنقى ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا ساداقەتمەن ئەر بولغان بولساممۇ، ئۇلار يەنىلا ئەھدىنى بۇزدى.


لېكىن ئۇلار ئادامدا ئەھدىنى بۇزدى. شۇ يەردە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى.


_ ئەگەر بىر كىشى بىخەستەلىكتىن ماڭا ئاتىلىدىغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە ئائىت قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىلىرىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ماڭا ئاتىسۇن. قوچقارنىڭ باھاسى مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلسۇن.


لېكىن بۇ ئەللەر بويسۇندۇرغۇچىنى مەسخىرە ۋە تەنە گەپلەر بىلەن مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ‹ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي مال-دۇنيا ئوغرىلاپ، بايلىق يىغقانلار، ئالدامچىلىق بىلەن بېيىغانلار! بۇ قىلمىشىڭلار قاچانغىچە داۋاملىشار؟›


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ قارغىشنى ئەۋەتتىم. ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ۋە مېنىڭ نامىم بىلەن ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. ئاندىن ئۇ شۇ ئۆيلەردە ماكانلىشىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدۇ، ئۆيلىرىنىڭ بىر دانە تاش، بىر تال ياغىچىمۇ قالمايدۇ.»


- رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. - ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.


پېترۇس: - سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناپ تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قاراڭ، ئېرىڭىزنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەر ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇلار سىزنىمۇ ئەكېتىدۇ! - دېدى.


ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەر ئەر ياكى ئايال پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرىدە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلسا،


خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.


ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قىلغان ئەھدىسىنى بۇزۇپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندىن بىر دەمدىلا يوق قىلىنىسىلەر.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۇلارنى يوقاتماي، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئاكان ئىسىملىك بىر كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن بىر قىسمىنى تىقىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراخنىڭ ئوغلى زابدىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى.


پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ئورنۇڭدىن تۇر! سەن نېمە ئۈچۈن يۈزۈڭنى يەرگە يېقىپ، دۈم ياتىسەن؟


شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپلىنىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ خەلق ئەجدادلىرىنىڭ رىئايە قىلىشىغا بۇيرۇغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.


شۇڭا سائۇل: _ ئەي لەشكەر باشلىرى، ھەممىڭلار بۇ يەرگە كېلىڭلار، بۈگۈن نېمە گۇناھ قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقايلى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan