يوشۇۋا 6:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 يەتتە روھانىي قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىلارنى ئېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىيلار بۇرغىلارنى چالغان ھالدا شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلانسۇن. Faic an caibideil |
لېكىن سىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىڭلارنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. سىلەر پەقەت ئورنۇڭلارنى مەھكەم ساقلاپ، كۈتۈپ تۇرۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى كۆرۈڭلار. ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر قورقماڭلار، بوشىشىپ كەتمەڭلار، ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ياردۇرمەن.»
ئەمدى سىلەر خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭ ئالدىغا يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ مەن توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭلار خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭكىگە قارىغاندا دۇرۇس بولمىدى. خىزمەتكارىم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، سىلەرنى ئەخمەقلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازادىن خالاس قىلاي.