3 سەن لەشكەر تارتىپ، سېپىلنى كۈنىگە بىر قېتىمدىن، جەمئىي ئالتە كۈن ئايلىنىپ چىققىن.
تۇچ داڭقاننىڭ گىرۋىكى ئاستىغا ئىككى قۇر بۇقا شەكىللىك نەقىش چىقىرىلغان بولۇپ، ھەر مېتىر ئارىلىقتا يىگىرمە دانە بۇقىنىڭ شەكلى بار ئىدى، ئۇلار داڭقان قۇيۇلغان چاغدىلا بىرگە قۇيۇلۇپ چىقىلغانىدى.
پەرۋەردىگارغا ھەرگىز ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ جاينىڭ ئادەملىرىدىن قورقماڭلار. چۈنكى بىز ئۇلارنى چايناپ پۈركۈپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ پاناھى يوق، لېكىن پەرۋەردىگار بىزگە يار بولىدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، _ دېيىشتى.
خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغىنى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرىدىن ئىبارەت بولغان بىباھا خەزىنىدۇر. بىز گويا بۇ خەزىنە قاچىلانغان ساپال ئىدىش. مانا بۇنىڭدىن كىشىلەر بىزدىكى ئۇلۇغ قۇدرەتنىڭ ئۆزىمىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.
ئۇلار يوشۇۋانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، شەھەر سېپىلىنى ئايلاندى. ئاندىن قارارگاھقا قايتىپ كېلىپ تۈنىدى.
شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى كۈنى خەلق شەھەر سىپىلىنى يەنە بىر قېتىم ئايلىنىپ، قارارگاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇدا ئالتە كۈن شۇنداق قىلدى.
پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ مەن ئېرىخا شەھىرىنى ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە جەسۇر لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.
يەتتە روھانىي قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىلارنى ئېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىيلار بۇرغىلارنى چالغان ھالدا شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلانسۇن.
ئاندىن يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلىپ: _ ئاتلىنىڭلار! قوراللانغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن، شەھەر سېپىلىنى ئايلىنىڭلار.