يوشۇۋا 5:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئىچىدىكى ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى تاكى ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، قىرىق يىل چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈردى. چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىغانىدى. پەرۋەردىگار: «ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى سىلەرگە كۆرسەتمەيمەن» دەپ قەسەم ئىچكەنىدى. Faic an caibideil |
ئۇلار مەندىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىمنى ئۆتۈندى. بۇ چاغدا مەن زېمىنغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن ئايرىۋەتتىم ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە دېڭىز سۈيىنى باستۇرۇپ، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتىم. مېنىڭ مىسىرلىقلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۇزۇن ۋاقىت چۆل-باياۋاندا ياشىدى.