13 يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىنلاپ قالغان چاغدا، قولىدا قىلىچ تۇتقان بىر كىشىنى كۆردى. يوشۇۋا ئۇنىڭدىن: _ سەن بىز تەرەپنىڭكىمۇ ياكى دۈشمەن تەرەپنىڭكىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
كېيىن پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇپ دەرەخلىكىدە ئىبراھىمغا قايتا زاھىر بولدى. بۇ ۋەقە مۇنداق بولغانىدى. كۈن تىكلەشكەن ۋاقىتتا، ئىبراھىم چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇراتتى.
ئۇ قارىۋىدى، ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشىنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى
ياقۇپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپلا: «مەن بىلمەپتىكەنمەن، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ يەردە ئىكەن!» دېدى.
ياقۇپ ئەساۋنىڭ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىنى لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى توقىلىغا بۆلۈپ بەردى.
ئەساۋ ئەتراپىغا قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: _ يېنىڭدىكى بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ياقۇپ: _ خۇدا كەمىنىلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ، بۇ بالىلارنى ئاتا قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.
داۋۇتقا ياردەم بەرگىلى كەلگەنلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلاندى.
شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىلىچىنى غىلىپىغا سالدى.
لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىدىن قورقۇپ، ئۇ سەجدىگاھقا بېرىپ، خۇدادىن يول سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
مېنىڭ پەرىشتەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ، سىلەرنى ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، كەنئانلار، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىرىدۇ. مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن.
ئۇ ۋاقىتتا مەن يۇقىرىغا قارىغانىدىم، ئۇچىسىغا زىغىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان، بېلىگە ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىرسىنى كۆردۈم.
ئالدىمدىكى ئۇلاي قانىلى بويىدا قوش مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار تۇراتتى. ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ئۇزۇن بولۇپ، بىر مۈڭگۈزى يەنە بىرىدىن ئۇزۇنراق ئىدى. ئۇزۇنراق مۈڭگۈزى كېيىن ئۆسۈپ چىققانىدى.
مەن بۇ بېشارەتنى كېچىدە غايىبانە ئالامەتتە كۆردۈم. بىرسى تورۇق ئاتقا مىنىپ، جىلغىدىكى مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق ئات، قوڭۇر ئات ۋە ئاق ئاتقا مىنگەنلەر تۇراتتى.
ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئېلىپ يولنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چەتنەپ ئېتىزلىققا كىرىپ كەتتى. بىلئام ئېشەكنى ئۇرۇپ يولغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى.
دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بىلئامنىڭ كۆزىنى ئاچتى، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچ تۇتۇپ يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى.
ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئەلچىلەر كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قارىشىپ قالدى، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن، ئادەم قىياپىتىدىكى ئىككى پەرىشتە پەيدا بولۇپ:
پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ مەن ئېرىخا شەھىرىنى ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە جەسۇر لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.
ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىدىكى تونى ئوشۇقىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى.
مانوۋاخ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن: _ ئالدىنقى قېتىم ئايالىمغا گەپ قىلغان سىزمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم: _ شۇنداق، مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
ئايالىغا: _ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق، _ دېدى.