12 ئىسرائىل خەلقى شۇ زېمىننىڭ ئاشلىقلىرىنى يېگەن كۈندىن باشلاپ، ماننا چۈشۈرۈلۈشتىن توختىدى. شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇلار ماننانى ئەمەس، كەنئاندىن چىقىدىغان ئاشلىقنى يەيدىغان بولدى.
ئىسرائىللار تاكى ئادەم ئولتۇراقلاشقىلى بولىدىغان يەرگە، يەنى كەنئان زېمىنىغا بارغۇچە، جەمئىي قىرىق يىل ماننا يېدى.
ياخشى ئادەم مىراس قالدۇرار ئەۋلادلىرىغا، گۇناھكارلارنىڭ مال-دۇنيالىرى قالار ھەققانىيلارغا.
ئۇ زېمىننىڭ نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغىنىڭلاردا، بىر قىسمىنى ھەدىيە سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار.
مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمەس، باشقىلار ئەمگەك سىڭدۈرگەن بىر «ھوسۇل»~نى يىغىشقا ئەۋەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر تەييار بولغان بۇ «ھوسۇل»~نى يىغقۇچىسىلەر.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتۈپ ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار شۇ يەرنىڭ ئاشلىقلىرىدىن پېتىر نان ۋە قوماچنى يېيىشتى.